ئۇيغۇرچە   
中文   
English   
قازاقشا   
 
مەن لۇغەت سېتىۋاالاي دىگەن ئەمما ئۆزۈم بىرىپ ئالالمايمەن. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
ياخشىمۇ سىز! شىركىتمىزگە تېلېفون قىلىپ تېلېفون ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئۇسۇلى؛ شىركەتكە تېلېفون قىلىپ، سېتىۋالماقچى بولغان لۇغەتنى تاللايسىز، ئاندىن نام-ئىسمىڭىز. ئادرېسىڭىز. يانفون نومۇرىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ۋە تېلېفونىس سىزگە ئېيتىپ بەرگەن شىركەت ھېساب نومۇرىغا لۇغەتنىڭ پۇلىنى سېلىۋەتىپ، قايتىدىن شىركەتكە تېلېفون قىلىپ مەلۇم قىلىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بولسىڭىز 3-4 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇپ ئالايسىز. ئەگەر چەتئەلدە بولسىڭىز ۋاقتى سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئامان بولۇڭ.
كومپىيۇتېرنىڭ كامىراسىنى قوزغاتقاندىن كىيىن نورمال ئىشلىمىسە قانداق قىلىش كىرەك؟
نۇرمال ئەھۋال ئاستىدا كامىرانى قۇزغاتقاندىن كىيىن نۇرمال ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا (ۋىروس، سىستىما سەۋەبىدىن ) نۇرمال ئىشلىمىسە بىز ئالدى بىلەن كامىرانىڭ قوزغاتقۇچىسىنى ئۈچۇرۇپ تاشلىۋېتىپ تەمىنلىگەن قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى قايتا قاچىلاش ئارقىلىق كامىرانى نۇرمال ئىشلەش ھالىتىگە كەلتۇرگىلى بۇلىدۇ .
ئىرپان كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى (Fn) ئارقىلىق قانداق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ؟
ئىقتىدارلار كونوپكىسىدىن پايدىلانغاندا Fnكونوپكىسى بىلەن ماس ھالدىكى كونوپكىلارنى تەڭ بېسىش ئارقىلىق تۇۋەندىكى بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىشقا بۇلىدۇ . خىزمەت ھالىتىدىن ئۇخلاش ھالىتىگە يۆتكەش Fn+Esc ئاۋازنى يوقىتىش Fn+F1 كامېرانى قوزغىتىش ياكى تاقاش Fn+F2 ئېكران يورۇقلىنى تۆۋەنلىتىش Fn+F3 ئېكران يورۇقلىنى يۇقىرىلىتىش Fn+F4 ئاۋازنى تۆۋەنلىتىش Fn+F5 ئاۋازنى يۇقۇرىلىتىش Fn+F6 3G نى قوزغىتىش Fn+F7 ئېكران ئالماشتۇرۇش Fn+F8